UyghurMain Dictionary
قەلەمدان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
قەلەم سالىدىغان قاچا، قەلەمدان:
قەلەمدان ئىچرە مەن بولدۇم گىرىفتار،
ۋەگەر نە ئورنۇم ئېردى تاقى دەستار.
موللا پازىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەلەم - قېرىنداش سېلىپ قويىدىغا سايمان.
ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە كىتابلار، گېزىت - ژۇرناللار يەنە قېرىنداش سېلىپ قويۇلغان قەلەمدان تۇراتتى. قەلەم قۇتىسى قەلەملەرنى رەتلىك تۇتۇش ئۈچۈن زۆرۈر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئومۇمەن قەلەم تۈرىگە كىرىدىغان يېزىش ئەسۋابلىرىنى سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قۇتا، قەلەم سالغۇچ.