UyghurMain Dictionary
قەلب
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈرەك. كۆچمە مەنىسى: باش، مىڭە، ئىچكى دۇنيا؛ غەيرەت، باتۇرلۇق؛ مەركەز، ئوتتۇرىلىق؛ ئاستىن - ئۈستۈن بولماق، تەتۈرىگە ئايلانماق؛ ئۆزگىرىش؛ يالغان، ئويدۇرما؛ قەلب شىناس - توغرا - يالغاننى ئايرىيالايدىغان كىشى؛ قەلب ئارا تۇرماق - ئوتتۇرىدا تۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر قىلىدىغان ئورگاندىن چىققان ئوي - پىكىر، ھېس - تۇيغۇ.
يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە يول تاپار. بىر يۈرەككە ئىككى يار سىغماس. كۆز نۇرنىڭ ئۈلكىسى، كۆڭۈل سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭلى ساپنىڭ ئىشى تۈز. گۈزەل چىرايدىن گۈزەل كۆڭۈل ئەلا. كۆڭۈل تارتمىغان ئاشنى يېمە. كۆڭۈل كۆتۈرمىگەن ئىشنى قىلما. دىل ئازاردىن خۇدا بىزار. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسۇن. قەلبى گۈزەل - مەڭگۈ گۈزەل. چىراي گۈزەللىكىدىن قەلب گۈزەللىكى ئەلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يۈرەك، دىل.
قەلبىگە پۈكمەك.
كۆچمە. كىشىنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھېس - تۇيغۇلىرى، پىكىر - قاراشلىرى مەركەزلەشكەن جاي، دىل، كۆڭۈل.
قەلبىگە پۈكمەك. قەلبى قارا.