UyghurMain Dictionary
قەجەر سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1779 - 1924) پرسىيىدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. خازارلار ئەسلىي كاسپى دېڭىز يېنىدىكى تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، كېيىن سەفەۋىيە سۇلالىسىنى قوللىغان يەتتە تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىرى ئىدى. 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سەفەۋىيە سۇلالىسى خارابلىشىشقا باشىغاندا خازارلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەزەربەيجانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شىرازىنىڭ زەيدىيە سۇلالىسى (1750 - 1794) نى ئاغدۇرۇۋېتىپ، كۈچىنى ئاشۇردى. ئاغامۇھەممەد 1779 - يىلى سەفەۋىيە سۇلالىسىنىڭ قالدق كۈچلىرىنى يېڭىپ، يېڭى سۇلالە قۇردى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدى. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغىچە چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. سۇلالە كۈنسايىن ئاجىزلىشىپ، يېرىم مۇستەملىكە بولۇپ قالدى. 1921 - يىلى 2 - ئايدا گۋاردىيىنىڭ كازاك دىۋىزىيە كوماندىرى رېزاخان پەھلەۋى ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، 1925 - يىلى تەختنى تارتىۋېلىپ، پەھلەۋى سۇلالىسىنى قۇردى. قەجەر سۇلالىسى يوقىدى.