Uyghur←ChineseMain Dictionary
قەھۋە دەرىخى
بىئولوگىيە
咖啡
kāfēi
رويان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يېشىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئۈچ دانە يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، قاتتىق، ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ؛ تەگلىك يوپۇرمىقى يوپۇرماق سېپى ئارىلىقىدا بولىدۇ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ ياكى قولتۇقتا ئۆسكەن گۈلى توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. رەڭگى ئاق، گۈل كاسا نەيچىسى قىسقا نەيسىمان ياكى پىلدىرلىغۇچسىمان بولىدۇ، 4 - 5 كە چىشسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلتاجى كېپىنەكسىمان بولۇپ، 4 - 8 گە يېرىلىدۇ، يېرىقچە ياپراقچىلار يېيىلىپ تۇرىدۇ، ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ، بوغۇز قىسمىدا بەزىدە تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئاتىلىقى گۈلتاجىنىڭ بوغۇز قىسمى ياكى ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆسىدۇ، ئاتىلىق يىپى قىسقا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ؛ ئانىلىق بوينى يىپسىمان ياكى بىرئاز توم بولىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمانغا يېقىنراق شەكىلدە بولىدۇ. ئۇرۇقى ئىككى، مۈڭگۈزلەشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئافرىقا بولۇپ، ھازىر تەيۋەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردا بەش خىل تۈرى كىرگۈزۈلۈپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرى ئاساس قىلىنىدۇ؛ چوڭ مېۋىلىك قەھۋە (C.liberica) ئوتتۇراھال مېۋىلىك قەھۋە (C.canephora) ۋە كىچىك مېۋىلىك قەھۋە (C.arabica). قەھۋە ئىسسىق بەلباغنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي زىرائىتى بولۇپ، چاي، كاكائولار قاتارىدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىچىملىكنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىنتايىن ئومۇملاشقان. ئۇ نېرۋىنى جانلاندۇرۇش ۋە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دورا قىلىنىدۇ.
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
咖啡树
kā fēi shù