UyghurMain Dictionary
قەدەھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پىيالە، ئىچىملىك قاچىسى، رومكا، قەدەھ:
نەچچە ئۆزلۈك رىشتەسىگە قىلغانى ۋابەستەلىك،
ئال ئاچىغ مەيلىك قەدەھ سىپقار دەمى ئۆزنى ئۇنۇت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كاسە، پىيالە، ئاياق، ئېچىملىك قاچىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەي قۇيۇپ ئىچىلىدىغان قاچا، جام، رومكا.