Uyghur←ChineseMain Dictionary
قەبىلىلەر ئىتتپاقى
دۇنيا تارىخى
部落联盟
bù luò lián méng
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئۇرۇقداش قەبىلىلەر تەشكىلاتى قاتارىدىكى ئالىي دەرىجىلىك تەشكىلات. ئادەتتە تېررىتورىيىسى يانداش بولغان، ئورتاق يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۇرۇقداش قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان. ئالاھازەل پۈتكۈل ياۋايىلىق دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ئروكىز قەبىلىسىنىڭ بەش قەبىلە ئىتتىپاقى ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرغان؛ مېكسىكا جىلغىسىدىكى ئازتېكلارنىڭ ئۈچ قەبىلە ئىتتىپاقى ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا تۇرغان؛ كائېسار دەۋرىدىكى گاللىيىلىكلەر بىلەن گېرمانلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسەن ياۋايىلىق دەۋرنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرغان. ئۇنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە فونكىسىيىسى ئاساسەن:ئىتتپاققا قاتناشقان قەبىلىلەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولغان، ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگىدارلىق قىلغان؛ سىرتقا قارىتا (كۆپىنچە ئۇرۇش قىلىشتا) بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلغان؛ ئىتتىپاق كېڭىشى تەسىس قىلىنغان، ئۇ قەبىلىلەر باشلىقلىرىدىن تەركىپ تاپقان، بارلىق چوڭ قارارلار ھەممەيلەننىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن؛ ئىتتىپاقنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدا، تۆۋەنرەك تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان ئروكىزلار ئىتتىپاقىدا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىككى نەپەر ئالىي ھەربىي ئاتامان قويۇلغان، يۇقىرىراق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان (مەسىلەن، قەدىمكى يۇنان) قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدا بولسا ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ ئالىي تەشكىلاتى بولۇپ،ئۇ ھەممىلا يەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ئەمەس.