UyghurMain Dictionary
قىبلىگاھ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<دىن> مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا يۈزلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپ؛ قىبلە تەرەپ، قىبلە.
كۆچمە. ئەڭ زور ھۆرمەتكە لايىق، مۇناسىپ بولغان كىشى ياكى نەرسە (ئاتا، ئانا ياكى ۋەتەن، پارتىيە قاتارلىقلارغا مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى).
قىبلىگاھىم جانىم ئانا، دۇئايىڭغا دۇتار بولدۇم، ۋىسال ئىزلەپ يات يەرلەردىن ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم.
كۆچمە. تاۋاپ قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان جاي.
قىبلىگاھ بولدۇڭ قاھانغا، كۆرسىتىپ ھەق يولىنى. ئالغۇسى ئالەم ئۆزىگە، سەن ئۆزۈڭدىن نۇر، ۋەتەن.