UyghurMain Dictionary
قازا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىك ئورگانىزىمدا ھاياتى پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى.
ئۆلۈم جازاسى. ئۆلۈمگە ئامال يوق. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. قورققاننى ئەجەل قوغلار. بەتنام ياشىغاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل، مەقسەتكە يەتمەي يەپ كەتسە ئەجەل. سەۋەب قىلساڭ، زاۋال يوق، قىلالمىساڭ، ئامال يوق. ھەركىم زۇلۇم قىلسا، دۆلىتى زاۋال تاپار. قازا كەلسە، قوشۇقتىكى سۇدىن قاقىلىپ ئۆلەر. بەخت تاغنى جۈپ قىلار، قازا جۈپنى تاق قىلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبئىي ۋە سۈنئىي ھالدا يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان يېتىدىغان قىيىن ئەھۋال.
خۇدا دېگەن يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ. ئۆزى چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئەقىللىق مىڭ قازاندىن قۇتۇلار، نادان بىر بالاغا تۇتۇلار. بەختتىن بالا - قازا يۈگۈرۈك. بالا - قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا. ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھوشيار بول. يامان خوتۇن جاننىڭ ئاپىتى. تۈلكىگە ئۆز تېرىسى ئاپەت كەلتۈرەر. ئاپەتنىڭ كەينىدە ئامەت بار. كىم ئەگەر ئۆسكەنىكەن تازۇنېمەتتە، ھالى ئېغىر بولار قالسا كۈلپەتتە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلۈش پەيتى، ئۆلۈش ھادىسىسى، ۋەقەسى.
ئۆمۈر، كۆرۈم، ھايات
ياشاش مەزگىلى ۋە ياشاش ئىشى.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. پۇل ئەجەلگە دالدا بولالماس. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. ئۆمۈر شامال ئالدىدىكى چىراغ. ھاياتىڭ قانداق بولسا، ئۆلۈمىڭ شۇنداق بولار. يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم. قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. توشقاننىڭ ئۆلۈمىگە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ. دۇنيا بويىچە ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 65 ياش، ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن مەملىكەت ياپونىيە، 77 ياش. ئەڭ قىسقا مەملىكەت ئافغانىستان، 42 ياش.
ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت، سائادەت، بەخت - سائادەت، ئىقبال، دۆلەت، قۇت
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەقدىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلۈم، ئۆلۈش؛ ۋاپات بولۇش؛ ئۆلۈم سائىتى، ئەجەل.
قازا تاپماق .
بەخت تاق كېلىپ، جۈپ قىلىدۇ؛ قازا جۈپ كېلىپ، تاق قىلىدۇ (ماقال). جان بار يەردە قازا بار (ماقال).
بالا، بالا - قازا، پالاكەت، بەختسىزلىك، ئاپەت.
قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر (ماقال).
ۋاقىتنى، پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش.
نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇماق.