UyghurMain Dictionary
قاۋۇشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوۋۇشتى.
ئەركەك تىشىقا قاۋۇشدى _ ئەركەك خوتۇنغا قوۋۇشتى، يەنى ئۆيلەندى. بۇ سۆز ئەسلىدە بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە ئۇلىنىشى ياكى باغلىنىشى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. مەسىلەن: « قاداش قاداشقا قاۋۇشدى _ قاياش قاياشقا قوۋۇشتى» دېگەنگە ئوخشاش. ئىككى خان ئارىسىدا يارىشىش ئۈچۈن بولغان ئۇچرىشىشنى « قاۋشۇت» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاغ تاغقا قاۋۇشماس كىشى كىشىگە قاۋۇشۇر _ تاغ تاغقا قوۋۇشماس، ئادەم ئادەمگە قوۋۇشۇر ( قاۋۇشۇر _ قاۋۇشماق). بۇ سۆزدىكى يۇمشاق ئېيتىلىدىغان «ف _ f» (يەنى «ۋ _ ») نى «و _ ۋاۋ» غا ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
2 - 138