UyghurMain Dictionary
قاتۇرما
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، سۇ بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 70 گرام، جىگىردەك 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . ئۇنغا ئىسسىق سۇ، تۇز قۇيۇپ پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇششاق ئېزىلگەن جىگىردەك، ئۇششاق چانالغان پىياز ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ، 175 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، قېلىنراق نان ياسىلىدۇ.
2. تاۋىنى ياكى قازاننى قىزىتىپ، قوي يېغىدا ياغلاپ، ياسالغان ناننى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىيىمنىڭ سۈپەتلىك ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئىككى مۈرىگە قويۇلىدىغان ھەمدە پاختا سارۇچكا قاتارلىقلاردىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە تەييارلىنىدىغان بىر خىل بۇيۇم.
- ئۆزگىرىش چوڭ، ئىشلار ئالدىراش، يوقلاپ كېلەلمىدىم، - دېدى جۈمە مۈرىسىگە قاتۇرما قويۇلغان زەڭگەر دىكا چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ.