UyghurMain Dictionary
قاتارىدا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
باش كېلىشتىكى ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ 1( <...نىڭ تەركىبىدە،...نىڭ ئىچىدە...گە ئوخشاش> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ئەسلىي مەكتەپكە باشقا ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا قوبۇل قىلىنغانىدىم.
باشقا سەپداشلار قاتارىدا سەنمۇ ئۇلارنىڭ چىشىغا خېلى تەگدىڭ.
2) <...نىڭ ئورنىدا،...گە تەڭ> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
<شەرقتە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم> دېگەن بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى سەرگۈزەشتىلىرى ئانچە ياخشى بولمىدى. نۇرغۇن كىشلەر ئۇنى رومان قاتارىدا كۆرۈپ ئوقۇپ، كىتابتا بايان قىلىنغان شەرق ئەھۋالاتلىرىغا ئانچە ئىشەنمىدى.