Uyghur←ChineseMain Dictionary
قاسىراقلىقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
甲壳纲
jiǎqiàogāng
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر تىپ. تۈزۈلۈشى، فۇنكسىيىسى ھەم پەيدا بولۇشى جەھەتلەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ بولغان زور بىر تۈركۈم ھايۋانلاردۇر. لېكىن ئادەتتە ئۇلارنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى تەن بوغۇملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باش قىسمى بىلەن ئازدۇر - كۆپتۇر بىرىكىپ قاتتىق بىر باش كۆكرەك قالقىنى قاپلاپ تۇرغان باش - كۆكرەك قىسمىنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش كۆپرەك، پۇتلىرى ئاساسەن قوش پۇت شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بوغۇم سانى ۋە فۇنكسىيىسى، ئۇلارنىڭ تۈرىگە ۋە ئۆزى جايلاشقان تەن بوغۇمىنىڭ ئورنىغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە بىرىنچى، ئىككىنچى جۈپى، سېزىش رولىنى ئۆتەيدىغان كىچىك ئانتېننا ۋە چوڭ ئانتېننا ھېسابلىنىدۇ؛ ئۈچ جۈپى ئوزۇق تۇتۇش رولىنى ئوينايدىغان قوشۇمچە پۇتلىرى بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي ھەم ئىككى جۈپ كىچىك تاڭلايدىن ئىبارەت. پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن قوش پۇت تىپىدىن ئىبارەت. ئىپتىدائىي تۈرلىرىدە بارلىق پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاپراق كېتىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلىرىدە بولسا، پۇتلىرىنىڭ سانى كېمىيىش ياكى ئالاھىدىلىشىپ ئوخشاشمايدىغان ھەر خىل پۇتلارغا ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. زور كۆپچىلىكى سۇدا ياشايدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرى قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ئۆزگەرگەن. كۆپ ساندىكىلىرى ئەركىن - مۇستەقىل ھايات كەچۈرىدۇ، بىر قىسمى توپلىشىپ كولونىيە شەكىللەندۈرىدۇ ياكى پارازىتلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان راك، قىسقۇچپاقا، بېلىق يېمى قىلىنىدىغان سۇ بۈرگىسى (دافنىيە)؛ بېلىقلاردا پارازىتلىنىدىغان لېرنايە بۈرگىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاسىراقلىقلار سىنىپىغا كىرىدىغان ھايۋانلار.
دېھقانچىلىق
甲壳纲
jiǎ qiào gāng