UyghurMain Dictionary
قاڭسىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولماي، نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بالا ئۈچۈن ئاتا - ئانا، ئاتا - ئانا ئۈچۈن بالا ئۆگەي دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئومۇمەن ئۆز ئەمەس، يات.
يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ. ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى تازا ئۆتكەن بالامنىڭ ئۆتمۈشىگە ھازىرغىچە ئېچىنىمەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاڭسىق، ئۆگەي.
قاڭسىق ئاتا _ ئۆگەي ئاتا. قاڭسىق ئوغۇل _ ئۆگەي ئوغۇل.
3 - 522
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېقىمسىز، سەسكىنىشلىك (تەم، پۇراق ھەققىدە).
ئىشىكتىن كىرىشىمگە بۇرنۇمغا قاڭسىق بىر ھىد كېلىپ ئۇرۇلدى.