UyghurMain Dictionary
قاشا مەھكەم بولسا تۈلكە كىرەلمەس
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەممە ئىشتائۆزىگە پۇختا بولغان ئادەم ئىناق ئائىلە، بەختلىك تۇرمۇشنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، باشقىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنالايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - ياخشى، سەگەك تۇرۈپسىلەر، «قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس» دېگەن گەپ بار. ئەگەر سىلەر ھوشيار بولمىساڭلا مانا مۇشۇنداق يۇندىخور لالمىلار ئارىمىزغا كىرىۋالىدۇ، - دېدى ئۇ.