UyghurMain Dictionary
قاشⅡ
قاشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىركىمنىڭ ھۇزۇرى، يان، ئالدى:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېشىغا ئالماس، لەيلىگۈللەر يېتىپ كېلىشتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئورۇنلاشقان يېرى، يېنى، تۈۋى ياكى ئەتراپى:[مىسال:] ئاخىرى ئۇ چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى كونا تۈگمەن قېشىغا كېلىپ، بىر دەرەخنىڭ كۆتىكىدە ئولتۇردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇرۇم ئاياغلارنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمىنىڭ ئۇپراپ كەتكەن يېرىگە قويۇپ مىخلاش ئۈچۈن تەييارلانغان، كۆن، خۇرۇم قاتارلىق نەرسىلەردىن كېسىلگەن كىچىك پۇرۇچ، بۆلەك:[مىسال:] ئاياغنىڭ چەمىگە قاش قويدۇرماق. * يارىم توپلەي كىيىپتۇ، پاشنىسىغا قاش قويۇپ، قاچانلىققا ياتارمىز، بىر تەكيىگە باش قويۇپ.