UyghurMain Dictionary
قارىتۈرۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەت تونۇمايدىغان، خەت - ساۋاتى يوق.
ساۋاتسىزلار ئېلىدە سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولمايدۇ. مەن بىر قارىتۈرۈك ئادەم. قارا قورساقتىن قورق. ئۇ قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بىر نېمە. ئېلىپنى تاياق دەيدىغانلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك تەس. ئېلىپنى (ا) تاياق دېيەلمەيدۇ، ممىنى (م) چوماق. ئوقۇماي، بىلمەي، كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالدىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان.
ساۋاتلىق، قولىدا خېتى بار
ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدىغان.
جۇڭگودا 40 يىلدىن بۇيان 180 مىليون ئاھالە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ ساۋاتلىق بولغان. ئۇنىڭ قولىدا خېتى بار، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدۇ. ساۋاتسىزغا سان يوق. قارىتۈرۈك ئالەمدىن خەۋەرسىز. ئوقۇماي - بىلمەي كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالدىم. قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بولغان بىلەن قورسىقىدا جورى كۆپ كىشىلەر بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قارا + تۈرۈك
سۈپەت
مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، خەت ساۋاتى يوق، ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز.
قارىتۈرۈك ئادەم. قارىتۈرۈك دېھقان.