UyghurMain Dictionary
قاراقسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پەرۋىش قىلىنماي، قارالماي قالغان ھالەتتە، پەرۋىشسىز، تاشلانغان ھالەتتە، تاشلاندۇق ھالەتتە.
ئۇ قاراقسىز قېلىپ، قۇرۇشقا باشلىغان باغنى قايتىدىن كۆكەرتىپ، مول - ھوسۇللۇق باغقا ئايلاندۇردى.
قارايدىغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىسى بولمىغان ھالدا؛ ئىگە - چاقىسىز ھالەتتە.
<بېشىنى پىت باسماق> دېگىنىمىز <ئىگە- چاقىسىز قېلىپ، غېرىبلاشماق؛ قاراقسىز قالماق> دېگەن مەنىدىن ئىبارەت بولىدۇ.