Uyghur←ChineseMain Dictionary
قارا قوللار پارتىيىسى
قانۇنشۇناسلىق,جامائەت خەۋپسىزلىكى
黑手党
hēi shǒu dǎng
دۇنيا تارىخى
黑手党
hēi shǒu dǎng
سېربىيىدىكى مەخپىي مىللەتچى تېرورلۇق تەشكىلات. 1903 - يىلى سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان، ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئوفىتسىرلار. تەشكىلات نىزامنامىسىدە <بىرلىككە كىلەلمىگىچە ئۆلگەن ياخشىراق> شۇئار قىلىنغان. ئادەتتە قارا قوللار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى <مىللىي غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق سېرب مىللىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش> ئىدى. تېرورلۇق ھەرىكىتىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، تەشكىلىي سېستىمىسى مۇتلەق مەخپىي ساقلانغان. تەشكىلات رەھبىرى سېربىيە شتاتىنىڭ ئاخبارات مۇدىرى پولكوۋنىك راگودىن دمېتىرىيىۋىچ، ئاساسىي ياردەمچىسى مايور فۇيا كېشكى. بۇ پارتىيە <پارتىزان> مەكتىپىنى قۇرۇپ، بېلگرادتىكى بوسنىيە مۇھاجىرلىرىنى تەربىيلىگەن. 1912 - 1913 - يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بوسنىيە گېرىتسېگوۋىنا رايونىدا قارا قوللار پارتىيىسى نامى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. 1914 - يىلى 6 - ئايدا، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەخت ۋارىسى كىنەز فرانز فېردىناند سارايېۋودا بۇ پارتىيىگە قاراشلىق <ياش بوسنىيىلىكلەر> گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى تەرىپىدىن قەتل قىلىنىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان.