UyghurMain Dictionary
قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخىگېرمانىيەنىڭ ۋېمار جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى مەخپىي ھەربىي تەشكىلات. ۋېمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي دائىرلىرى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>نىڭ بەلگىلىمىلىرگە خىلاپلىق قىلىپ، <ئەمگەك زەربىدارلار ئەترىتى> دېگەن نام ئاستىدا پىدائىي ھەربىي خادىملارنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسى ئۈچۈن مەخپىي زاپاس خادىملارنى ھازىرلىغان. بۇ زاپاس قىسىم قارا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىپ، ئادەم سانى تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭغا مايور بۇخرۇككېر باشچىلىق قىلغان. بۇ قوشۇن دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920 - 1923 - يىللاردا شەرقىي چېگرىدا تۇرۇپ، پولشادىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەملەشكەن. 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.