UyghurMain Dictionary
قارا چارشەنبە
دۇنيا تارىخى
فاشىست گېرمانىيىسى بەلگىلىگەن چېخوسلوۋاكىيەنىڭ <گودېسبېرگ مېموراندۇم>نى قوبۇل قىلىش قەرەلىنى كۆرسىتىدۇ. 1938 - يىل 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چېخوسلوۋاكىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنمىغان <گودېسبېرگ مېموراندۇم>نى رەت قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلغان، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرمۇ قاتتىق پوزىتىسيە قوللىنىشقا مەجبور بولۇپ، قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەنىڭ چىمبېرلىن ھۆكۈمتى يەنە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سودېت رايونىنى كېسىپ بېرىش سۆھبىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان. 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گىتلېر چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە ئوتىماتوم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن بۇرۇن مېموراندۇمنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى شەرت قىلغان ھەمدە ئارمىيسىنى سەپەرۋەر قىلىپ چېخوسلوۋاكىيىگە باستۇرۇپ كىرىشكە تەييارلانغان. كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە مۇرەسسەلىشىش پوزىتسىيىسىنى قوللانغانلىقتىن، گىتلېر شۇ كۈنى سائەت 2ە بىرقانچە مىنۇت قالغاندا ئەنگلىيە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئەتىسى ميونخېندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان. چېخوسلوۋاكىيە ئاخىرى پارچىلىۋېتىلگەن. <ميونخېن كېلىشىمى> گە قاراڭ.