UyghurMain Dictionary
قاپقاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قازان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىشلەنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويىدىغان سايمان.
تۆشۈك چېلەككە سۇنۇق قاپقاق. يېپىق تۇۋاق يېپىقلىق قالسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەڭ ئېغىزلىق نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى يېپىش ئۈچۈن ياسالغان ياپقۇچ.
ساندۇقنىڭ قاپقىقى. يانچۇقنىڭ قاپقىقى.
دېرىزە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ سىرتىنى يېپىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قانات، ياپقۇچ.
ئابىدەم ئورنىدىن تۇردى - دە، دېرىزىدىن چىقىپ، قاپقاقنى ياپتى.
توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز - كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسىلىدىغان قۇرۇلما؛ قاپقا؛ تاقاق.
ئۇلار دامبىنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا ئاز قالغاندا، سادىق يېنىدىكى بىر ياش يىگىتكە قاراپ: - ئامبارنىڭ سۇ چىقىرىش قاپقىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
<ئانات> ئادەم ياكى بەزى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئېچىلىپ - يېپىلىپ تۇرىدىغان پەردىسىمان توقۇلما.