UyghurMain Dictionary
قان ئايلىنىش
بىئولوگىيە
قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدا ئايلىنىپ ئاقما ھەرىكەت قىلىشى ئاقما ھەرىكەت جەريانىدا ھەر قايسى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ماددا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يۈرەك - قان تومۇر سىستېمىسى يۈرەك، ئارتېرىيە، كاپىلليار (قىل قان) تومۇرلىرى ۋە ۋېنا تومۇرلىرىدىن تەركىب تاپقان. يۈرەك قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاقما ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئورگىنى، قان تومۇرى بولسا، قان ئېقىمىنىڭ نەيچە - يوللىرى بولۇپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلاردىكى كلاپانلار قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قاننى بىر يۆنىلىشتە ئاققۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ. قان سۇيۇقلۇقى بەدەن ئايلىنىشى (چوڭ ئايلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئۆپكە ئايلىنىشنى (كىچىك ئايلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بويلاپ پۈتۈن بەدەندە ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ. (1) بەدەن (قان) ئايلىنىشى؛ يۈرەك قىسقارغاندا قان سۇيۇقلۇقى يۈرەك سول قېرىنچىسىدىن ئائورتىغا ئېتىلىپ كىرىپ ئوتتۇرا، كىچىك ئارتېرىيىلەردىن ئۆتۈپ پۈتۈن بەدەندىكى كاپىلليار قان تومۇرلىرىغا بېرىپ توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ماددا ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئارتېرىيە، چوڭ ۋېنا تومۇرلىرىنى بويلاپ ئۈستۈنكى - ئاستىنقى ۋە كاۋاك ۋېنالارغا ئۆتۈپ يۈرەك دالانچىسىغا قايتىپ بېرىپ يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىغا كىرىدۇ. (2) ئۆپكە ئايلىنىشى؛ يۈرەك قىسقارغاندا ئوخشاشلا يەنە يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدىكى قان ئېتىلىپ چىقىپ ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق ئۆپكە كاپىلليار قان تومۇرلىرىغا كىرىدۇ، قان سۇيۇقلۇقى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە گاز ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۆپكە ۋېناسى ئارقىلىق يۈرەك سول دالانچىسىغا قايتىپ كېلىپ يۈرەك سول قېرىنچىسىغا كىرىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى چوڭ - كىچىك قان ئايلىنىشنى بويلاپ پۈتۈن بەدەندە توختىماي ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بىر ئايلىنىشىغا 20 - 25 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالسا قاننىڭ ئاقما ھەرىكىتىمۇ توختايدۇ.