Uyghur←ChineseMain Dictionary
قانۇنغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
进军法则运动
jìn jūn fǎ zé yùn dòng
1946 - 1950 - يىللىرى سولومون تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك خەلقلەر قوزغىغان مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. ئۇنىڭ مەخپىي نامى <ماسىنا> (<قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى> مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تاقىم ئارال ئىچىدىكى مالايتا ئارلىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر گۇادالكانال ئارىلىغا بېرىپ، ئامېرىكا قوشۇنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى كەيپىياتى گۇادالكانال ئارىلىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، مالايتا ئارىلىدىمۇ كۆپ قېتىملىق ئاممىۋى نامايىش بولغان. ھەرىكەت تاقىم ئاراللىرىدىكى باشقا ئاراللارغىمۇ كېڭەيگەن. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، يۈز نەپەردىن كۆپرەك مۇھىم ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان، ھەرىكەتمۇ پەسىيىشكە باشلىغان.