UyghurMain Dictionary
قان تومۇرى
بىئولوگىيە
قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاقىدىغان نەيچە - قاناللاردۇر. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ قان تومۇرىنى ئارتېرىيە، ۋېنا ۋە كاپىلليار تومۇرلار دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئارتېرىيە تومۇرى قاننى يۈرەكتىن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا توشۇيدىغان قان تومۇرلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ۋېنا بولسا، قان سۇيۇقلۇقىنى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىن يۈرەككە توشۇپ قايتۇرۇپ كېلىدىغان قان تومۇرلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئارتېرىيە تومۇرلىرى بۆلۈنگەنسېرى ئۇششاقلاپ ئەڭ ئاخىرىدا زور مىقدرداىكى كاپىلليار قان تومۇرلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ھۈجەيرە ۋە توقۇلما ئارىلىقلىرىغا تارقىلىپ ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن كاپىلليار قان تومۇرلار يەنە بارا - بارا قوشۇلۇپ ۋېنا تومۇرى بولۇپ قوشۇلىدۇ ۋە قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.