Uyghur←ChineseMain Dictionary
قان شورىغۇچى قۇرت
بىئولوگىيە
血吸虫
xuèxīchóng
شىستوزوما قۇرتىمۇ دېيىلىدۇ. شورىغۇچى قۇرتلار سىنىپىنىڭ يېرىق تەنلىك شورىغۇچى قۇرتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە پارازىتلىنىپ قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئىككى شورىغۇچ تەخسىسى بولىدۇ؛ ئېغىز شورىغۇچ تەخسىسى قۇرت تېنىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىدە؛ قورساق شورىغۇچىسى رومكىسىمان ئۆسۈپ چىققان، ئېغىز شورىغۇچىسىدىن چوڭراق بولىدۇ. تاق جىنسلىق، لېكىن ئەركەك بىلەن چىشىسى دائىم قۇچاقلىشىپ تۇرىدۇ. ئەركەك قۇرت سۈت رەڭلىك، سىرتقى شەكلى دىقماقراق، ئۇزۇنلۇقى 10 - 20 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5.0 مىللىمېتىر، تېنىنىڭ ئىككى يېنى قورساق شورىغۇچىسىنىڭ تۆۋىنىدىن باشلاپ قورساق تەرىپىگە قاراپ يۆگىلىپ چىشى قۇرتنى قۇچاقلاش ئېرىقىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. چىشىسى قارامتۇل، ئەركەك قۇرتقا قارىغاندا سوزونچاقراق، ئالدى تەرىپى ئىنچىكە، كەينى توم، ئۇزۇنلۇقى 20 - 25 مىللىمېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 3.0 مىللىمېتىر، دائىم ئەركەك قۇرتنىڭ قۇچاقلاش ئېرىقىدا ياتقان بولىدۇ. يېتىلگەن قۇرت پارازىت خوجايىنىنىڭ قاپقا ۋېناسىدا پارازىتلىنىپ، تۇخۇم سېلىش ۋاقتىدا ئۈچەي دىۋارىغا يېقىن ئورۇنغا يۆتكىلىپ، ئۇششاق (مىكرو) قان تومۇرلارغا تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمى ئېللىپس شەكىللىك، قېپى يوق، ناھايىتى كىچىك بىر ئىلمەك يان تىكىنى بولىدۇ، تۇخۇم رەڭگى سۇس سېرىق، شاكىلى نېپىزراق، پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، پارازىت خوجايىنىنىڭ گەندىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىلىدۇ. تۇخۇمى سۇغا كىرگەندىن كېيىن تۇخۇمدىن تۈكلۈك لىچىنكا چىقىرىپ ئارىلىق خوجايىنى مىخچە قۇلۇلىنىڭ بەدىنىگە كىرىدۇ. تۈكلۈك لىچىنكا مىخچە قۇلۇلىنىڭ تېنىدە ئانا سپورۇتسىستقا ئايلىنىپ، جىنسىز كۆپىيىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان سپوروتسىستلارنى ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ، <قۇيرۇقلۇق لىچىنكا> غا ئايلىنىدۇ - دە، يەنە قۇلۇلە تېنىدىن چىقىدۇ، سۇدا ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرىغا ئۇچرىسا، تېرە ئارقىلىق كىرىپ شىستوزوما بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، بالىلار نورمال يېتىلەلمەي پاپا بولۇپ قالىدۇ، ئاياللار تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ئېغىر بىمارلار ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. شىستوزومازىس كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، كېسەلنى تەكشۈرۈپ داۋالاش، شۇنداقلا ئارىلىق خوجايىننى - مىخچە قۇلۇلىنى يوقىتىش، گەندە تۇرۇبىسى (قانىلى)، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ھەمدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.