UyghurMain Dictionary
قان ھۈجەيرىسى
بىئولوگىيە
<قان شارچىسى> ياكى <قان دانىچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھۈجەيرە تەركىبى. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ قان ھۈجەيرىسى ئېنىق ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسى (قىزىل قان دانىچىسى، قىزىل ھۈجەيرە)، ئاق قان ھۈجەيرىسى (ئاق قان دانىچىسى، ئاق ھۈجەيرە) ۋە قان پلاستىنكىلىرىدىن ئىبارەت. قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۇمشاق ئەۋرىشىم ھەم ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇپ، ئېمىتكۈچىلەرنىڭ بۇنداق ھۈجەيرىسىنىڭ ئادەتتە يادروسى بولمايدۇ. دىسكا شەكلىدە بولىدۇ، باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭكىلىرىدە بولسا، يادروسى بولۇپ ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ چوڭلۇقى ۋە سانى ھايۋان تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ. ئادەمنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ دىئامېتىرى 8.0 مىكرومېتىر بولۇپ، سانى ھەر كۇب مىللىمېتىر قان سۇيۇقلۇقىدا ئەرلەرنىڭ تۆت مىليوندىن بەش مىليونىغچە، ئاياللارنىڭ ئۈچ مىليوندىن بەش يۈز مىڭدىن تۆت مىليون بەش يۈز مىڭغىچە بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە گېموگلوبىن بولۇپ، ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ھەم قويۇپ بېرەلەيدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىسى يادروسى بولغان، رەڭسىز شار شەكلىدىكى (ھەرىكەتلەنگەندە شەكىل ئۆزگەرتىدۇ) بىر خىل ھۈجەيرە بولۇپ، دىئامېتىرى 4 - 20 مىكرومېتىر، ھەر كۇب مىللىمېتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى سانى نورمال ئادەملەردە 0040 - 10000 گىچە، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا نەچچە تۈمەندىن نەچچە ئون تۈمەنگىچە بولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى دانىچىسىنىڭ بولۇش - بولماسلىقىغا قاراپ يەنە دانىچىسىز ھۈجەيرە بىلەن دانىچىلىق ھۈجەيرىگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى بىر خىلى لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە يەككە يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى خىلى نېيترال، كىسلاتاغا مايىل ۋە ئىشقارغا مايىل بولغان ئۈچ خىل دانىچىلىق ھۈجەيرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر خىل ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ فۇنكسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەن باكتېرىيىلەرنى يۇتۇپ ھەزىم قىلىۋېتەلەيدۇ، بەزىلىرى بولسا، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت جەريانى ۋە ئانافلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) رېئاكسىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ھەر خىل ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كلىنىكىلىق دىئاگنوزنىڭ مۇھىم دەلىللىرىدىن بىرى قىلىشقا بولىدۇ. قان پلاستىنكىسى (ترومبوتسىت) قان سۇيۇقلۇقىدىكى ھەجىمى ناھايىتى كىچىك بوغان بىر خىل شەكىللىك تەركىبلەر بولۇپ، ھەر كۇب مىللىمېتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى سانى نورمال ئادەمدە 100 - 030 مىڭ دانە بولىدۇ. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى قان توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قان ئۇيۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىپ كەتكەندە قاناش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغلار (ۋېرىلخوف كېسىلى) پەيدا بولىدۇ.