UyghurMain Dictionary
قانداق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. بەلگە، سۈپەت، خۇسۇسىيە ۋە ھالەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ قانداق كىتاب؟
سۈپ. قايسى خىلدىكى، قانداق تەرزدىكى.
- ياخشى، يەنە قانداق ئىسىملار بار، بىز شۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋالايلى، - دەپ سورىدى ئۇ يېنىدىكىلەردى.
سۈپ. قانچىلىك، قانچىلىك دەرىجىدىكى، قانداقسىگە.
يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ قانداق زىيان تارتقانلىقىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار.
ئال. بەزى سۈپەتلەرگە ئۈندەشلىك كۈچەيتمە بولۇپ كېلىپ، <نېمىدېگەن، زەپمۇ، ئەجەپمۇ> دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
قارا، بۇ باغ قانداق ياخشى* ئېتىزنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى قانداق چىرايلىق
رەۋ. قانداق تەرزدە، قايسى يوسۇندا، قايسى ئۇسۇلدا.
سوپۇن قانداق ياسىلىدۇ؟