—Reference
قىممىتى ئەڭ يۇقىرى مېتال پۇل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
موڭغۇل پادىشاھى مۇھەممەت جاخان مىلادى 1628 -, 1657 - يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تارقاتقان، 200 <موخور> لۇق ھىندىستان تىللاسى دۇنيا بويىچە سومما قىممىتى ئەڭ يۇقىرى مېتال پۇل بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ قىممىتىمۇ شۇنىڭغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى مېتال پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 2.117 كىلوگرام بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى 12 مىڭ فرانكقا تەڭ. بۇ خىل قىممەتلىك پۇلدىن پەقەت بىرسىلا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ، 1820 - يىلى ھىندىستاننىڭ پاتنا دېگەن يېرىدە يۈتۈپ كەتكەن. بۇ مېتال پۇلنىڭ تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى ھازىر لوندوننىڭ بىرىتانىيە مۇزىيىخانىسىدا ساقلانماقتا.