UyghurMain Dictionary
قاملاشقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ھەققىدە: رەڭگىروھى چىرايلىق، فىگۇرىسى يارىشىملىق، ئۇز.
ئۇ قىز كېلىشكەن چىرايلىق قىز ئىكەن. سەن تازا قاملاشقان بىر كىشىنى تاپ. سۇلايمان - سۇمبات يىگىت. ئۇ بويى ئېگىز، قاش - كۆزى جايىدا، بوي - تۇرقى ئازادە، خۇش پېئىل يىگىت ئىدى. قەددىي - قامىتى جايىدا بىر يىگىت قىزغا سۆز تاشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كېلىشكەن، چىرايلىق.
- پاھ، - دېدى ئاسىم ئاغزىنى چاكىلدىتىپ، - نېمىدېگەن قاملاشقان قىز بۇ، پەرى ئىكەنغۇ بىر پەرى.