UyghurMain Dictionary
قامچا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغلارنى ئۇرۇپ ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، تاسما، كىرىچ ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن چاچتەك ئۆتۈپ ياسىلىدىغان دەستىلىك سايمان.
ياخشى ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس، ياخشى ئادەمگە سۆز (ماقال).
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ھەجۋى شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن توپلام بولۇپ، تۇرغۇن يىلتىز تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا كلاسسىك شائىر ئەخمەتشاھ قاراقاشنىڭ <ئات قىسىسى> ناملىق ھەجىۋىي شېئىرىدىن باشقا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، قۇربان ئىمىن، مۇھەممەت رەھىم قاتارلىق شائىرلارنىڭ ھەجۋى شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئات - ئۇلاقلارنى تېز ھەيدەيدىغان قورال.