Uyghur←ChineseMain Dictionary
قالدۇق پارلامېنت
ئۇنىۋېرسال
残余议会
cán yú yì huì
دۇنيا تارىخى
残余议会
cán yú yì huì
ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1849 - يىلى فرانكفورت گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قىسمەن سولچىل پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تەشكىلەنگەن پارلامېنت. 1849 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرى پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبورلىشى ئارقىسىدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىدىكى مۇتەئەسسىپلەر بىلەن لىبېراللار پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن، پارلامېنت پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 6 - ئاينىڭ باشلىرى قىسمەن سولچىل پارلامېنت ئەزالىرى يىغىن ئورنىنى شتۇتگارتقا يۆتكەپ، كارل ۋوگت (1811 - 1895) قاتارلىق بەش ئادەمدىن تەركىب تاپقان <ئىمپېرىيە نائىب ھۆكۈمىتى>نى سايلاپ چىقىپ، ئىمپېرىيە نائىبى كىنەز يوھان باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەرقايسى شتاتلاردىكى ھۆكۈمرانلار رەت قىلىۋەتكەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغان. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋۇرتتېمبېرگ پادىشاھلىقى ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.