UyghurMain Dictionary
قايىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆيۈنۈشتى، غەمخۇرلۇق قىلىشتى.
ئولار ئىككى بىر بىرگە قايىشدى _ ئۇلار ئىككىسى بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشتى، غەمخۇرلۇق قىلىشتى ( قايىشۇر _ قايىشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
نەلۈك ئاڭار بىلىشتىم
قۇچشۇپ تاقى قاۋۇشتۇم
تۈزۈنلۈكىن قايىشتىم
ئالقتى مەنىڭ يايىمى
«نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم،
قۇچاقلىشىپ قوۋۇشتۇم،
كۆڭلى تۈزلۈك قىلىپ كۆيۈندۈم،
مېنىڭ يېزىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتتى.»
ئۆزىگە خىيانەت قىلغان بىر كىشىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم، نېمىشقا قۇچاقلىشىپ، ئىچقۇيۇن - تاشقۇيۇن بولدۇم، تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن غەمخۇرلۇق قىلدىم، ئۇ مېنىڭ يېزىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتتى.
3 - 261