UyghurMain Dictionary
قايغۇلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ھەسرەتكە دائىر.
قايغۇ خەۋرنى راست بولسىمۇ دوستۇڭغا دېمە. ئەمگەكسىز ئېشىم - ھەسرەتلىك بېشىم. ئازابلىق كۈنلەرنى ئاز تارتمىدۇق. ئون باش ئوڭلۇق باش، بىر باش، مۇڭلۇق باش. ئەلەملىك ئىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قايغۇسى بار، بېشىغا غەم - قايغۇ چۈشكەن، قايغۇ - ئەلەم تارتقان.
شەرىخاننىڭ ياشلىق دەۋرى ئەنە قايغۇلۇق ئىدىكى، ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەش موماينىڭ كۆزىدىن ھېلىمۇ ياش ئاققۇزاتتى.
قايغۇ - ئەلەم بىلەن تولۇپ تاشقان، مۇسىبەتلىك، ئەلەملىك، غەمكىن، مەيۈس.
ئايالنىڭ چىرايى بىردىنلا قايغۇلۇق تۈسكە كىردى، كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.
كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان، قايغۇرتىدىغان.
ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن بىرەر قايغۇلۇق خەۋەرنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.