UyghurMain Dictionary
قايدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قايدى؛ كۆڭۈل بۆلدى.
قاداشىڭا قايدى _ ئۆزىنىڭ يېقىنىغا كۆڭۈل بۆلدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قازاش تېمىش قايمادۇق قازىن تېمىش قايمىش _ قېرىنداش دېسە قارىمىغان، قۇدا دېسە قاراپتۇ. بۇ ماقال تۇغقانلار ئارىسىدا قۇدىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
باردىڭ نەلۈك ئايمادىڭ
كېرۈ كۆرۈپ قايمادىڭ
كۆڭۈل بەرۈ يايمادىڭ
بولدۇڭ ئەرىنچ بولماغۇ
«نېمىشقا كەتكەنلىكىڭنى ئېيتمىدىڭ،
ئارقاڭغا قاراپ قايمىدىڭ،
كۆڭلۈڭنى بىزگە بەرمىدىڭ،
بولمىغۇر بىر نەرسە بولۇپ قالدىڭ.»
كېتىپسەن، كەتكەنلىكىڭنى نېمىشقا ئېيتمىدىڭ، ئارقاڭغا قايرىلىپ، قاراپمۇ قويمىدىڭ؛ نېمىشقا بىزگە كۆڭلۈڭنى بەرمىدىڭ، ئەمدى سەن بولمىغۇر بىر نەرسە بولۇپ قالدىڭ. كېرۈ قايدى _ ئارقىسىغا قارىدى ( قايار _ قايماق).
3 - 337