UyghurMain Dictionary
قايان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قايسى تەرەپ، قەيەر؛ قايسى تەرەپكە، قەيەرگە:
نە كۆردى جەھانبىن يۈزى تىرەدۇر،
قايان باقسە ئاندا نەزەر خىردەرۇ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىيالار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇئال ئالماشلىرى: «قايسى يەر، نەيەر» دىن قىسقارغان سۆزلەر.
ئەجەل - ئۆلۈم قەيەردە يوق؟ قاياققا بارساڭمۇ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. ھەق قايان، مەن شۇ يان. ياشلىقنىڭ نەدە قالغانلىقىنى قېرى چال بىلەر. نەنىڭ سۈيىنى ئىچسەڭ، شۇ يەرنىڭ ئادىتىگە كىر.
- نەگە بارساڭ، شۇ يەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قاي + يان
ئالماش
قايسى ياق، قايسى تەرەپ، قاياق، قەيەر.
ئەل قايان - سەن شۇيان (ماقال).
قىشلىقى قايان باراي، ياز كەلسە ساراي سالاي (ماقال).