Uyghur←ChineseMain Dictionary
قاھىرە خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
开罗宣言
kāi luó xuān yán
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1943 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى قاھىرەدە ئېلان قىلغان خىتابنامە. باياناتتا، ئۈچ دۆلەتنىڭ <جەڭ قىلىشتىكى مەقسىتى، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت. ئۈچ دۆلەت ھەرگىز ئۆز پايدىسىغا ئۇرۇنمايدۇ. زېمىنىنى كېڭەيتىش نىيىتىمۇ يوق>؛ <ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، 1914 - يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ياپونىيە ياپونىيە تىنچ ئوكياندا تارتىۋالغان ياكى ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق ئاراللارنى تارتىۋېلىش، ياپونىيە چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان جۇڭگو زېمىنىنى مەسىلەن، شەرقىي شىمال، تەيۋەن، پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش، ياپونىيىنى قورال كۈچى ياكى خىرىسلىرى ئارقىلىق بېسىۋالغان بارلىق جايلاردىن ھەيدەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت>، <مۇۋاپىق ۋاقىتتا چاۋشيەنگە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىك بېرىلىدۇ> دېيىلگەن. خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا: <ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زۆرۆر بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدۇ> دەپ جاكارلانغان.