UyghurMain Dictionary
قاھىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەھر - غەزەپ قىلغۇچى.
يەڭگۈچى، غالىب:
سېنىڭدەك يوقتۇرۇر ئالەمدە ھەرگىز زالىمى جابىر،
مەگەر زۇلم ئەتكەلى خەلق ئەتتى جانا خالىقى قاھىر.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەھر - غەزەپ قىلغۇچى؛ يەڭگۈچى، غالىپ؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك؛ زالىم پادىشاھ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قايىر، قايىرجان
يىمىرگۈچى، يۈكسەك، كۈچلۈك، تەڭداشسىز، غەزەپلىك