UyghurMain Dictionary
قاغا قۇزغۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈكى قاپقارا ياكى ئالا - بۇلا كۆچمەنچى قۇش.
«زاغ» خوتەن دىئالېكتدا، «قۇز» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. قاغا پۇتى خەت. ئەجىلى يەتكەن قۇزغۇن قارچىغا بىلەن ئوينىشار. قاغا - قۇزغۇنغا يەم بولماق. تاۋۇش بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندا زاغ، كەكلىك قەھقەسىدىن ياڭراپ كەتتى باغ. سېخىينىڭ بېغىغا قۇز قونماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قاغا ۋە قۇزغۇن، قاغا ۋە شۇ خىلدىكى قۇشلار.
شۇ ھامان ئاسماندىن بىر توپ قاغا - قۇزغۇنلار چۈشۈپ پادىشاھنىڭ ھارام گۆشىنى چوقۇپ يېگىلى باشلىدى.