UyghurMain Dictionary
قادرىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سوپىلار ئېقىمىدىكى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى بولۇپ، Ⅻ ئەسىردە باغداتتا قۇرۇلغان. ئابدۇل قادىرجىلانى (1078 - 1166) بۇنىڭغا ئاساس سالغانلىقتىن، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئابدۇل قادىر ھايات ۋاقتىدا بۇ پىرقە قۇرۇلمىغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بالىلىرى قۇرغان، ئابدۇل قادىر قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى گىران (ھازىرقى ئىران تەۋەسى) دە تۇغۇلغان. 18 يېشىدا باغداتقا كېلىپ نىزامىيە مەدرىسىدە ھەدىس، فىقھە ۋە پەلسەپە ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ زاھىد بولۇپ، ئىراقنىڭ جاڭگاللىرىدا ئىستىقامەت قىلىپ، 52 يىلنى ئۆتكۈزگەن، 1127 - يىلى ئۆمرىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتكەندە باغداتقا يېنىپ كەلگەن. ئۇ ھەنبەلىيەنىڭ ئۇستازى بۇلۇپ ۋەز ئېيتىپ، داڭق چىقارغان. 1134 - يىلى باغدات ئىسلام دارىلفۇنىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، نۇرغۇن مۇرىدلارنى جەلپ قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئوغۇللىرى باغدات شەھىرىنىڭ سىرتىدا مەسچىت سېلىپ مەسچىتنى ۋە ئېيتىدىغان سورۇن (رىبات) قىلىپ، ۋەز ئېيتىش ۋە دىنىي تەلىم - تەربىيىنى يولغا قويدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن سوپىلارنىڭ قائىدىلىرىنى بەجا كەلتۈرگەن ۋە سۇفىيانا ئەقىدىنى چۈشەنگەندىن باشقا، سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇل قادىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ۋە ئوغۇللىرى ئۇنى شەيخ دەپ ھۆرمەتلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى، ۋەزلىرىنى ۋە دۇئا - تىلاۋەت نۇتۇقلىرىنى توپلاپ، ۋەز ئېيتىشنىڭ كىتاب ئاساسى قىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرغىب قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان پىرقە تەشكىلاتىنى رەسمىي قۇردى. ئۇنىڭ ئابدۇ رازاق (1134 - 1207) ۋە ئابدۇل ئەزىز (؟ - 1206) ئىسىملىك ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تەلىماتنى كەڭ تارقاتتى. شاگىرتلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇنىڭ دىنىي تەشەببۇسلىرىنى تەبلىغ قىلدى. بۇ پىرقىنىڭ زاۋىيەسى باغداتتا تەسىس قىلىندى. 14 -ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىراق ۋە سۈرىيىدە بۇ پىرقىنىڭ دىنىي تەرغىبات مەركەزلىرى قۇرۇلدى. 15 - ئەسىردىن ئېتىبارەن كەڭ تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، مىسىر، نۇبىيە، سۇدان ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا يەتتى. 17 - ئەسىردە تۈركىيىگە تارقىلىپ تۈركىيىدە تۇنجى ئىستىقامەتخانا سېلىندى. ھازىر ئەڭ كەڭ تارقالغان تەسەۋۋۇپ پىرقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇر پىرقە ئېتىقاد جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش، دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش، كەڭ قورساق، مېھرى - شەپقەتلىك، ئىخلاسمەن ۋە كەمتەر بولۇش بىلەن داڭق چىقاردى. شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا پىرقىنىڭ روھىي دەرمان تاۋلىشىغا ئەھمىيەت بەردى. بىدئەتلىكتىن يىراق بولۇپ، يامانلىقىنى توسۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. جايلاردىكى تارماقلىرىدا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەھكاملىرى، ۋەز - نەسىھەتلىرى، ئىستىقامەت ئۇسۇلى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. دىنىي قائىدىسى شۇكى، ھەر كۈنى نامازدىن كېيىن زىكر سالىدۇ. زىكىرنىڭ مەزمۇنى <ئۇلۇغ ئاللانىڭ مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيمەن، ئاللاغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ساھابىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ جەمەتىگە ۋە ساھابىلىرىغا رەھمەت قىلغايسەن> دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر جۈمىلە يۈز قېتىمدىن تەكرارلىنىدۇ.