Uyghur←ChineseMain Dictionary
پىۋىخانا توپىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى啤洒店暴动
pí sǎ diàn bào dòng
1923-يىلى گىلتلېر ميۇنخېندا قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1923 - يىلى فرانسىيە، بېلگىيە قوشۇنلىرى رۇرنى ئىشغال قىلىپ گېرمانىيىدە ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىس كېلىپ چىققان. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، مىلىتارىس لۇدېندورفنىڭ قوللىشى بىلەن، گىتلېر قوراللىق ناتىستلارنى باشلاپ، ميۇنخېندىكى بىر پىۋىخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى يىغىلىشقا قاتنىشىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە پۈتۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىىتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشىنى گىتلېرئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەتىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار نامايىش قىلغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. لۇدېندورف بىلەن گىتلېر كەينى - كەينىدىن قولغا ئېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.