Uyghur←ChineseMain Dictionary
پېۋا ئېچىتقۇسى
بىئولوگىيە
啤酒酵母
píjiǔjiàomǔ
ئېچىتقۇ ئۇرۇقدىشىدىكى بىر تۈر. ئېچىتقۇ ئۇرۇقدىشى سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلار تۈرىدىكى زەمبۇرۇغ بولۇپ، ئۇ دائىم ئىچكى سپورىلىقلار ئەترىتى ئېچىتقۇ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھۈجەيرىسى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ياكى ئېللىپىسسىماندىن تارتىپ چۇجۇقسىمانغىچە بولىدۇ، دىئامېتىرى 2 ~ 10 مىكرومېتر كېلىدۇ. بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ، يالغان زەمبۇرۇغ يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ ياكى قىلمايدۇ. جىنىسلىق كۆپىيىشى جەريانىدا ئىككى تاق ھەسسىلىك ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى قوشۇلۇپ زىگوتا ھاسىل قىلىدۇ. زىگوتا دەرھال سان كېمەيتىپ، بۆلۈنمەي بەلكى بىخ چىقىرىپ كۆپىيىپ نۇرغۇنلىغان ئىككى ھەسسىلىك ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئىككى ھەسسىلىك ھۈجەيرە بىۋاستە سپورا خالىتىسىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشتىن ھاسىل بولغان 1 - 4 دانە تاق ھەسسىلىك سپورا خالتا سپورىسى بولىدۇ. سپورا خالتا سپورىسى يەنە بىخ چىقىرىپ كۆپىيىپ تاق ھەسسىلىك ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىىسنى ھاسىل قىلىدۇ. پىۋا ئېچىتقۇسى بەزى قەنت تۈرىدىكى ماددىلارنى كۈچلۈك ئېچىتىپ ئاساسەن ئىسپىرت ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ پىۋا، ئاق ھاراق، ئىسپىرت ۋە باشقا تۈردىكى ھاراق ئىچىملىكلىرىنى ئېچىشتا كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە ئېنزىم تۈرىدىكى ماددىلار بولىدۇ، ئېچىتقۇ ھۈجەيرىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ياكى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن يادرو كىسلاتاسى، گلۇتاتىئون، ھۈجەيرە فىگمېنتى C، ترومبوپلاستىن كوئېنزىم A، ئادېنوسىن ترىفوسفات قاتارلىقلارنى ئايرىلۋالغىلى بولىدۇ. پىۋا ئېچىتقۇسى يەنە بىئوتىن ۋە بەزى ۋىتامىنلارنى بىئولوگىيىلىك ئۆلچەپ بېكىتىشتە ئىشلىىتلىدۇ. ئۇ مېۋە، ئېچىتىلغان مېۋە شىرنىسى، مېۋىلىك باغلارنىڭ تۇپرىقى ۋە ھاراق كۆنەلگۈسىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.