UyghurMain Dictionary
پۇتاق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۇتاق.
بىر دىئالېكىتتا. بۇ سۆزدىكى «ت _ t» ھەرىپىنىڭ فەتھىلىك ئوقۇلىدىغان تۈرى بولغاندەك، كەسرىلىك ئوقۇلىدىغان تۈرىمۇ بار. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كىم ئايىپ ئېشتۈر قۇلاق
ئاي ئەۋى ئارتۇچ پۇتاق
{كىم ئېيتىپ، (قانداق) قۇلاق ئىشىتكەنكى،
ئاينىڭ ئۆيى ئارتۇچ پۇتىقى، (دەپ).}
شائىر سۆيۈملۈكىنىڭ يۈزىنى ئايغا، بويىنى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاينىڭ ئۆيىمۇ، تۇرار جايىمۇ ئارتۇچ دەرىخىنىڭلا پۇتىقى دەپ كىم ئېيتقان ۋە ئۇنى قايسى قۇلاق ئىشىتكەن؟
1 - 488
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەل - دەرەخلەرنىڭ غولى ياكى چوڭ شاخلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارمىقى. يان شېخى.
خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ.
كۆچمە. بىر پۈتۈن ياكى بىر يۈرۈش ئەقىدىلەرنىڭ مەلۇم تارمىقى، بۆلىكى.
شەرىئەتنىڭ پۇتىقى تولا.
كۆچمە.
يېتەرسىزلىك، نۇقسان، كەمچىلىك؛ قۇسۇر.
- سىزغۇ مېنىڭ گېپىمدىنمۇ، ئىشلىرىمدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپلا تۇرىسىز، - دېدى ئايالى ئېرىدىن نارازى بولۇپ.