UyghurMain Dictionary
پۇشۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى فۇنېي جىڭشىفاڭ كوچىسىدا. شۇڭا «جىڭشىفاڭ كوچىسىدىكى مەسچىت» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەسچىت مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا سېلىنغان بولۇپ، بېيجىڭدىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1621 - يىلىدىن 1627 - يىلىغىچە ۋە 1934 -- يىلى قايتا ياسالغان، 1987 - يىلى چوڭ رېمونت قىلىندى. مەسچىت شەرققە قارىتىپ سېلىنغان. سىرتقى ھويلا، ئاساسىي ھويلا، كەينىدىكى كىچىك ھويلىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان. مەسچىت دەرۋازىسى ئەرەبچە شەكىلدە سېلىنغان، ھىلال ئاي قادالغان. دەرۋازا بېشىغا «پۇشۇ مەسچىتى» دەپ يېزىلغان. مەسچىت ئىچگە ئوردا چىراغلىرى ئېسىلغان. تۈۋرۈك ۋە تاملار يىپيېڭى تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىدە بىردىن يۇمۇلاق ئىشىك بار، جەنۇبىي ئىشىكنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئاياللار سەراپى بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنى بار. شىمالىي ئىشىكنىڭ ئىچى ئارقا كىچىك ھويلا.