UyghurMain Dictionary
پۇشت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئارقا؛ قوزاق، پوست، تېرە؛ پۇشت پا ئۇرماق - تەرك ئەتمەك، كەچمەك، ئېتىۋارسىز قالدۇرماق (كۆچمە مەنىدە).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - بوۋىدىن تارقالغان.
ياخشى ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇش كېرەك. ئەقىللىق بالا ئۆستۈرسەڭ، ئەۋلادىڭ ئابروي تاپار. جەمەت جەمەتكە تارتىدۇ. نەسلىنى قۇرۇتماق. ئۇرۇق مىللەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئەر تۇخۇمىنى يوقاتماس. يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇقى ياكى تۇخۇمىدا بولىدىغان، مەلۇم شارائىتتا راۋاجلىنىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدىغان، ئۆز راۋاجلىنىشىنىڭ باشلانغۇچ باسقۇچىدىكى ھۈجەيرىسى.
مەن ئۆز پۇشتۇمدىن تاپقان بالىنىڭ خۇي - پەيلىنى بۈگۈن بىلىۋالدىم.
ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئەجدادى ۋە كېيىنكى ئەۋلادى، نەسلى.
ھاكىم ھەرقانچە ئەرشئەلاغا چىقىپ كەتسىمۇ يەنە شۇ بوۋاينىڭ پۇشتىغۇ؟