UyghurMain Dictionary
پۇشدۇم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىچىم پۇشتى، زېرىكتىم.
مەن بۇ ئىشدىن پۇشدۇم _ مەن بۇ ئىشتىن زېرىكتىم ( پۇشمازمەن _ پۇشماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: پۇشماسار بوز قۇش تۇتار ئېۋمەسەر ئۈرۈڭ قۇش تۇتار _ ئىچى پۇشمىسا بوز قۇش تۇتار، ئالدىرىمىسا ئاق قۇش تۇتار. ئادەم زېرىكمىسە (دىققەت بولمىسا)، ئاق لاچىننى ئوۋلىيالايدۇ؛ ئالدىراقسانلىق قىلمىسا، لاچىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئوۋلىيالايدۇ. بۇ ماقال بىرەر ئىشتا كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالدىراقسانلىق قىلماسلىققا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 14