Uyghur←ChineseMain Dictionary
پۇسان
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر釜山
fǔ shān
چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى. جەنۇبىي چاشيەننىڭ سېئول شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى چاۋشيەن بوغىزى بىلەن دۇيما بوغۇزى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 3 مىليون 122 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ جاي ئەسلى بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 1443 - يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان. 1876 - يىلى سودا پورتى ئالغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سېئۇل - پۇسان، سېئۇل - سىنئۇجۇ تۆمۈر يوللىرىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 1929 - يىلى كيوڭساڭ - نامدۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. پۇسان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، مېتالچىلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئەتراپىدا شال، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈش ھەم چارۋىچلىق، بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۇسان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. شەھەر ئەتراپىدا ئارشاڭ بۇلاقلار، مۇھىم ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى釜山
fǔ shān
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.