Uyghur←ChineseMain Dictionary
پۇرۇشا پۇرا
Domain: دۇنيا تارىخى富楼沙
fù lóu shā
قەدىمكى جاي ئىسمى.ھازىرقى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پېشاۋور. كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان؛ ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزى جەنۇبقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، يەنىلا شۇ چاغدىكى ئاتاقلىق شەھەر بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەھەرسېپىلى تۈز بولۇپ، ئايلانمىسى 40 چاقىرىمدىن ئاشىدىكەن، ئاھالىسى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كۇشان پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان) بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، بۇ يەردە كۆركەم ئىبادەتخانىلارنى ۋە بۇددا مۇنارلىرىنى ياساتقان. جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسىدىن فاشيەن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان چېغىدا، بۇ شەھەردىكى ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ <بۇددا دۆلىتى خاتىرىسى> دېگەن ئەسىرىدە <مەن كۆرگەن مۇنارلارنىڭ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىكى بۇ شەھەردىكىگە يەتمەيدىكەن> دەپ يازغان. ئارخېئولوگلاربۇ يەردە ئۇلىنىڭ دىئامېتىرى 87 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور مۇنارنى تاپقان. مىلادىدىن كېيىنكى بىر قانچە ئەسىردە، بۇددا دىنى ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا كۈنسايىن ئاجىزلىشىپ، غەربىي شىمالىي ھىندىستاندىكى پۇرۇشا پۇرا شەھىرى بۇددا دىنىي (ماھايانا مەزھىپى) نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.