Uyghur←ChineseMain Dictionary
پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت
بىئولوگىيە
木栓形成层
mùshuānxíngchéngcéng
ياندىن بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ بىر خىلى، ئاساسلىق رولى پۇرۇپكا ھاسىل قىلىش. ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك ۋە بەزى سامان غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت يىلتىز ۋە غولىنى توملاشتۇرۇپ ئەسلىدىكى ئېپىدېرمىنى بالدۇر ياكى كېيىن بۇزۇۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئوقنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلىك ئورۇنغا جايلاشقان نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ. پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت تاق قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن كانايسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرى تۈزۈلۈش بولۇپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرى غولنىڭ كەسمە يۈزىگە پاراللېل بۆلۈنۈش ئارقىلىق، سىرتقى تەرەپكە پۇرۇپكا، ئچىكى تەرەپكە مىقدارى ئازراق بولغان توقۇلما پۇرۇپكا ئىچكى قەۋىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. پۇرۇپكا، پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ۋە پۇرۇپكا ئىچى قەۋىتى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوۋزاق دەپ ئاتىلىدۇ. غولنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى قوۋزاق قەۋىتى ياكى ئېپىدېرمىدىن ھاسىل بولىدۇ. يىلتىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى ئوتتۇرا ئوق غىلىپىدىن ھاسىل بولىدۇ. پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ رول ئويناش مەزگىلى چەكلىك بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ئۆز رولىنى توختاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن يېڭى پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ھاسىل بولىدۇ، كېيىن ئۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەۋرىشىملىك قىسىمدىن ھاسىل بولىدۇ.