UyghurMain Dictionary
پۇرۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى قىرىش، رەختنى كېسىشتىن چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر،
«قىرىندى» ياغاچنى قىرغاندىن چىققان.
«قىيىق» رەخنى كەسكەندىن چىققان.
«كېسىك» ياغاچ، تۆمۈر ۋە باشقا نەرسىلەرنى كەسكەندىن چىققان.
«پۇرۇچ» تېرىنى پىچقان، كەسكەندىن چىققان.
قىرىندىن قىزغانغانغا قارا. قىيىقتىن قۇراق چىقسا ئەجەب ئەمەس. كېسىك كېرەكلىك بولۇپ قالىدۇ. پۇرۇچتىن پوستەك چىقىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرە، رەخت قاتارلىقلاردىن كىيىم - كېچەك پىچقاندا قالغان ئۇششاق پارچىسى.
تېرە پۇرۇچى. لاتا پۇرۇچى.
پۇرۇچ يىغساڭ تون بولۇر (ماقال).