UyghurMain Dictionary
پۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپ، نۇرغۇ؛ مول:
كى سەئدى شىكەستە ئاڭا پۇر ئىدى،
ۋەلى ئىشىق ئوقى بىلەن مەھجۇر ئىدى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپ، تولا، تولۇق، پۈتۈنلەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قۇشلار ئۇچقان چاغدا قانىتىنىڭ ھاۋادا ھەرىكەتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۈزۈمگە قونغان بىر توپ قۇشقاچلار <پۇر> قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
تولغان، تارقالغان، يېيىلغان ، بىركەلگەن ھالەت.
ئالەمگە پۇر كەتمەك.